فىرانسىيەدە پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى نارازىلىقلار نامايىشقا ئايلاندى

فىرانسىيەدە پېنسىيە يېشىنى 64 كە چىقىرىدىغان ئىسلاھاتقا قارشى نۇرغۇنلىغان خىزمەت ساھەسى ئىش تاشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، مەملىكەت مىقياسىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلاندى.

1935450
فىرانسىيەدە پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى نارازىلىقلار نامايىشقا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى مائارىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە ساھەلىرى ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئىش تاشلاشنى قارار قىلدى. پايتەخت پارىژ، نايس، مونتپېللىيېر، رېننېس، مارسىليا قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە نامايىشلار تەشكىللەندى.

پايتەخت پارىژدا، نامايىشچىلار جۇمھۇرىيەت مەيدانىدىن نېيشىن (Nation) مەيدانىغا قاراپ پىيادە يۈرۈدى.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، فىرانسىيەدە 1 مىليون نامايىشچى بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كالتەكلەر بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان، نامايىشچىلار ئوخشىمىغان جىسىملارنى ساقچىلارغا قارىتىپ ئاتقان. نامايىشلار جەريانىدا يول بويىدىكى نۇرغۇن ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىۋېتىلگەن، ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

نامايىشچىلار يەنە، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئىستېپاسىنى تەلەپ قىلىپ، فاشىزمغا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

باش مىنىستىر ئېلىسابېت بورن 10-يانۋار (2023) پىرېزىدېنت ماكروننىڭ سايلام ۋەدىلىرىنىڭ بىرى بولغان پېنسىيە ئىسلاھاتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇ پېنسىيە يېشى 62 بولغان فىرانسىيەدە 1-سېنتەبىردىن (2022) باشلاپ قانۇنىي كۈچكە ئىگە پېنسىيە يېشىنىڭ قەدەممۇ قەدەم ھەر يىلى ئۈچ ئايدىن يۇقىرىلىتىپ 2030-يىلغا كەلگەندە 64 كە چىقىرىلىدىغانلىقىنى، 2027-يىلى پېنسىيە مائاشىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىش ئۈچۈن 43 يىل سۇغۇرتا تۆلىگەن بولۇش شەرتىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

باش مىنىستىر ئېلىسابېت بورننىڭ باياناتىدىن كېيىن، ھەر قايسى ئۇيۇشمىلار پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى ئىش تاشلاش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان ئىدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر