ئەنگلىيەدە سەھىيە سىستېمىسى سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا يۈزلەرچە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە سىستېمىسى سىياسىتىگە نارازلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1935122
ئەنگلىيەدە سەھىيە سىستېمىسى سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىر ئىشخانىسى جايلاشقان «10-نومۇر» داۋنىڭ كوچىسىغا قاراپ ماڭغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، سەھىيە خادىملىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتتىن سەھىيە خادىملىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ھۆكۈمەتنى سېسترالارغا مۇۋاپىق ئىش ھەققى بېرىشكە چاقىردى.

ئەنگلىيەدىكى يۈزلىگەن سېستىرا، تۈنۈگۈن (18-يانۋار) 48 سائەت ئىش تاشلاشنى قارار قىلغانىدى.

خان جەمەتى سېسترالار ئىنىستىتۇتى بىرلەشمىسىگە ئەزا سېسترالار، ھۆكۈمەت مائاشنى ئۆستۈرۈپ بېرىش تەلەپلىرىنى قاندۇرمىغاندىن كېيىن، 55 دوختۇرخانىدا ئىش تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر