نېپالدىكى ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 72 گە يەتتى

نېپالدا 15-يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 72 گە يەتتى.

1935315
نېپالدىكى ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 72 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدىن پوخاراغا قاراپ يولغا چىققان يېتى ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە «ATR 72» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن «سېتى دەرياسى» ۋادىسى ئەتراپىدىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، يەنە ئىككى ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

شۇنىڭ بىلەن،  ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 72 گە يەتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 72 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئايروپىلان قازاسىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر