كولومبىيەدە يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلدى

كولومبىيەنىڭ ئانتاكيا مەمۇرىي رايونىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى.

1934439
كولومبىيەدە يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 2 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى شەھىرى مېدېللىنغا تەسىر كۆرتسەتكەن قارا يامغۇر سۇ ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۇدا بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن ئاپتوموبىلدىكى ئىككى ئادەم قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى.

ئانتاكيا مەمۇرىي رايونلۇق جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى، مېدېللىن شەھىرى ئۈچۈن «قىزىل» رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھۆل-يېغىننىڭ تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەترەتلەر، تۈن بويى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنى قاپسىلىپ قالغان جايلاردىن قۇتۇلدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر