گېرمانىيەدە ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئەر كىشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى

گېرمانىيەدە 2013-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ئەر مىنىستىر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

1934030
گېرمانىيەدە ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئەر كىشى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە سەتچىلىكلەرگە چېتىشلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېختنىڭ ئورنىغا، بورىس پىستورىئۇس ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

بورىس پىستورىئۇس 2013-يىلدىن بۇيان تۆۋەن ساكسونىيە ئۆلكىسىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتاتتى.

62 ياشلىق پىستورىئۇس سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولۇپ، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئەر مىنىستىر بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر