دائېش كونگودىكى چېركاۋغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاسىندى شەھىرىدە بىر چېركاۋغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1933129
دائېش كونگودىكى چېركاۋغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىگە ۋە ئۇگاندا چېگراسىغا جايلاشقان كاسىندى شەھىرىدە بىر پروتېستانت چېركاۋىغا، يەكشەنبە كۈنى (15-يانۋار) ئىبادەت قىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ھۇجۇمدا بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 15 كىشى يارىلاندى.

مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر