نېپالدا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

نېپالدا 72 كىشى ئولتۇرغان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

1932773
نېپالدا يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كاتماندۇ پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، پايتەخت كاتماندۇدىن پوخاراغا بېرىش ئۈچۈن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن <يەتى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى> گە تەۋە «ATR 72» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ سېتى دەرياسى ۋادىسىغا يېقىن جايغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

شىركەت باياناتچىسى سۇدارشان بارتالا ئايروپىلاندا 68 يولۇچى ۋە 4 خادىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

سۇدارشان بارتالا يولۇچىلار ئىچىدە 10 چەتئەل پۇقراسى ۋە 2 بوۋاقنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.

نېپال دۆلەت تېلېۋىزىيىسى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. نېپال ئارمىيەسى ۋەقەدە كەم دېگەندە 16 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. ۋەقەدىن كېيىن نېپال باش مىنىستىرى پۇشپا كامال داخال مېنىستىرلار كابىنېتىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى.

پۇشپا كامال داخال بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە ئاممىدىن رايوندىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولۇشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر