شىۋېتسىيەدە تۈرك سىياسەتچى مەركەز پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا سايلاندى

شىۋېتسىيەدە مىللىتى تۈرك پارلامېنت ئەزاسى مۇھەررەم دەمىرئوك 2-فېۋرال (2023) ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركەز پارتىيە كونگرەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكىگە يالغۇز نامزات بولۇپ كۆرسىتىلدى.

1931480
شىۋېتسىيەدە تۈرك سىياسەتچى مەركەز پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە مەركەز پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى پارتىيە رەھبىرى ئاننى لېف (Annie Lööf) كونگرەدە نامزات بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مۇھەررەم دەمىرئوك، دانىيېل بەكسترۆم (DanielBackström) ۋە ئېلېزابېس تاندرىڭكۋىستنى (Elisabeth Thand Ringqvist) نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ئىدى.

مەركەز پارتىيەسى كېڭەش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان كونگرەدە مۇھەررەم دەمىرئوكنىڭ يالغۇز نامزات بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مۇھەررەم دەمىرئوكنىڭ ياخشى ئالاقە ئىقتىدارىغا ۋە پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلالايدىغان سەۋىيەگە ئىگە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مۇھەررەم دەمىرئوك بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مۇھىم بىر كۈننىڭ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مەركەز پارتىيەسىدە 21 يىلدىن بۇيان سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغان مۇھەررەم دەمىرئوك،  لىنكوپىك شەھىرىدە 12 يىل بويىچە مۇھىت ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل شەھەر باشلىقى بولغان ئىدى. ئۇ كونيا ۋىلايىتىنىڭ كۇلۇ ناھىيەسىدىن شىۋېتسىيەگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئىشچى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، 11-سېنتەبىردە (2022) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا مەركەز پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئىدى.

مەركەز پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا 24 ئەزاسى بار. شىۋېتسىيەدىكى بەشىنچى چوڭ پارتىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر