كالىفورنىيەدىكى ئاپەتلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى باشلانغان شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوران سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 17 گە چىقتى.

1931586
كالىفورنىيەدىكى ئاپەتلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مېتېرولوگىيە ئىدارىسى ناچار ھاۋا رايىنىڭ ئىشتاتنىڭ جەنۇبىدا ياخشىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەتىدىن (13-يانۋار) باشلاپ شىمال تەرەپتە شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوران دولقۇنىنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

مەسئۇل دائىرىلەر، كەلكۈن، تاغ گۆمۈرۈلۈش، بوران ۋە چاقماق چېقىش قاتارلىق ۋەقەلەردە يەنە، ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن ئۆلۈم سانىنىڭ 17 گە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نىيۇسوم (Gavin Newsom) ئۆلۈم سانىنىڭ ئېشىش ئېھتىمالىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ كالىفورنىيەدىكى 58 رايوننىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكىدە «ئاپەت رايونى» ئېلان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىشتاتنىڭ جەنۇبىدا شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوراننىڭ ئازىيىشى بىلەن، تارقاقلاشتۇرۇلغان 35 مىڭ كىشىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىندى. ئېلېكتر لىنيەلىرى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يوللارنى رېمونت قىلىش ئىشلىرى باشلاندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر