ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو دۆلىتىدە ئىلگىرى يۈز بەرگەن «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى» ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى.

1931811
ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىدودو پايتەخت جاكارتادىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سۆزىدە: «پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۈز بەرگەن نۇرغۇن ۋەقەلەردە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ سادىر بولغانلىقىنى ھەقىقىي ئەقىل ۋە ۋىجدان بىلەن قوبۇل قىلىمەن» دېدى.

مەزكۇر دەپسەندىىلىكلەردىن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى تىلغان ئالغان ۋىدودو، ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ،  1965-2003-يىللىرى ئارىسىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ  باستۇرۇشى جەريانىدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىنغان 12 گە يېقىن ۋەقەنى مىسال قىلىپ، دۆلەت نامىدىن كەچۈرۈم سورىدى.

گېنېرال سۇخارتو باشچىلىقىدىكى ئارمىيەنىڭ 1965 - يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن، ھىندونېزىيە زوراۋان باستۇرۇش، قولغا ئېلىش ۋە قاتىللىق قىلمىشلىرىغا شاھىت بولدى.

كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار 1998-يىلى سۇخارتونىڭ 30 يىللىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

جەزملەشتۈرۈلمىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا كەم دېگەندە 500،000 ئادەم زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر