پولشاغا كەتكەن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
ئۇكرائىنادىن پولشاغا كەتكەن ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنىڭ سانى 10 – يانۋار ئېتىبارى بىلەن 9 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.
1931213
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا چېگرا قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، 24-فېۋرال كۈنى باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۇكرائىنادىن پولشاغا كەتكەن ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارنىڭ سانى 9 مىليون 74 مىڭ كىشىگە يەتكەن. پەقەت تۈنۈگۈنلا (10-يانۋار) 29 مىڭ 900 ئۇكرائىنالىق پولشا چېگراسىدىن ئۆتكەن.
بۇ جەرياندا 7 مىليون 250 مىڭ ئۇكرائىنالىق پولشادىن ئايرىلغان.