ماراكەش پادىشاھى يۈزلەرچە تۇتقۇن ۋە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

ماراكەش پادىشاھى ئالتىنچى مۇھەممەد، دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىق ھۆججەتلىرى سۇنۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن جەمئىي 991 تۇتقۇن ۋە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى.

1930978
ماراكەش پادىشاھى يۈزلەرچە تۇتقۇن ۋە مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن 707 تۇتقۇن ۋە 284 مەھبۇسنىڭ پادىشاھ ئالتىنچى مۇھەممەدنىڭ كەچۈرۈم قارارىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ماراكەشتە ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان پادىشاھ كەچۈرۈمنامىسى سايىسىدا بەزى مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلىدۇ، بەزى مەھبۇسلارنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلىدۇ.

ماراكەش مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان پادىشاھ بەشىنچى مۇھەممەد بىرلىكتە تەييارلىغان ھۆججەتلەر «ماراكەشنىڭ مۇستەقىللىق ھۆججىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر ھۆججەتلەر 1944-يىلى 11-يانۋار فىرانسىيە مۇستەملىكىچى ئورگانلىرىغا سۇنۇلغان، كېيىنچە ماراكەشنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تۇنجى رەسمىي قەدەم تاشلانغان 11-يانۋار دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر