دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىدا ماسكا تاقاشنى تەۋسىيە قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ «XBB.1.5» تارماق تىپنىڭ ياۋروپادا تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇردى.

1931073
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىدا ماسكا تاقاشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ تارماق تىپى «XBB.1.5» نىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بارلىق دۆلەتلەرنى ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىدىغان يولۇچىلارغا ماسكا تاقاشنى تەۋسىيە قىلىشقا چاقىردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلدارى كاتېرىن سىمالۋۇد، ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچۇش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللاردا يولۇچىلارغا ماسكا تاقاشنى تەۋسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سەھىيە خادىملىرى، ھازىرغىچە بايقالغان يۇقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تارماق تىى XBB.1.5 نىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكادىكى كوۋىد-19 بىمارلىرىنىڭ  %27.6 نى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇمنىڭ بۇ تارماق تىپىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك يۇقۇم دولقۇنى پەيدا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر