بېلگىيەدە تۈرمە خادىملىرى بىر كۈنلۈك ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

بېلگىيەدە تۈرمە خادىملىرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، بىر كۈنلۈك ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

1931342
بېلگىيەدە تۈرمە خادىملىرى بىر كۈنلۈك ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەىدە تۈرمىلەردە ئىشلەيدىغان تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئورنىغا، ساقچىلار ۋاقىتلىق ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.

بېلگىيە دائىرىلىرى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن تۈرمىلەرنىڭ خىزمىتىدە قالايمىقانچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر، مەشىقلەر، سېخلار ۋە زىيارەتلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىندى.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مائاش نىسبىتىنى قايتا بەلگىلەشنى ۋە خىزمەتچىلەرگە بېرىلگەن 13 - مائاشىنى تولۇق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

بېلگىيە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى پېترا دې سۇتتېر ئىش تاشلاشنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دې سۇتتېر يېقىنقى 15 يىلدا مائاشلارنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما دۆلەت ئورگانلىرىدا ئالاھىدە ئېشىش بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: «مەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا يوللىغان سىگنالىنى چۈشىنەلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر