سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ياش ۋە سان چەكلىمىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ھاجىلارغا قويۇلغان ياش ۋە سان چەكلىمىسىنىڭ بۇ يىل بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1930453
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرى تەۋفىق ئەررەبىيئە جىددەدە ئۆتكۈزۈلگەن «2023 – يىللىق ھەج كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، بۇ يىل ھاجىلارغا ھېچقانداق ياش چەكلىمىسى قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ھاجىلار سانىنىڭمۇ يۇقۇمدىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولىدىغانلىقىنىڭ «خۇش خەۋىرى»نى بەردى.