كالىفورنىيەدە «بوران – چاپقۇن» ئاپىتىدە14 ئادەم قازا قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر ۋە «بوران – چاپقۇن» ئاپەتلىرىدە 14 ئادەم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر ۋە «بوران – چاپقۇن» ئاپەتلىرىدە 14 ئادەم قازا قىلغان. ئاپەتتىن كېيىن، بەزى رايونلارنى تارقاقلاشتۇرۇش توغرۇلۇق قارار ۋە ئاپەت رايونلىرىغا بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان، ھەمدە سانتا باربارا رايونىدا ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇلغان.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا شىددەتلىك «بوران – چاپقۇن» ۋا قارا يامغۇر ئاپەتلىرىنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، 8 – يانۋار كۈنى، كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر ۋە «بوران – چاپقۇن» ئاپەتلىرى سەۋەبىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىنغانىدى.