خىتاي جەنۇبىي كورېيەدىن ئۆچ ئالدى

خىتاي جەنۇبىي كورېيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋىزىلىرىنى توختىتىپ قويدى.

1930483
خىتاي جەنۇبىي كورېيەدىن ئۆچ ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن كوۋىد-19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىشى بېيجىڭنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى؛ جەنۇبىي كورېيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورېيەدىن خىتايغا بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ۋىزىلىرىنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقى ئۇقتۇردى.

ئەلچىخانا بۇ قارارنىڭ خىتايدىن جەنۇبىي كورېيەگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرگە قويۇلغان «كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلىمىلەر» سەۋەبىدىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ جەنۇبىي كورېيەلىك مەنسەپدىشى پارك جىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، خىتايغا قارىتىلغان چەكلىمىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول، كوۋىد -19 تەدبىرلىرىنىڭ سىياسىي غەرەزلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر