ب د ت تىۋىتتېردا «ئىرقچىلىق تېرمىنولوگىيەسى» نىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلون ماسك تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن تىۋىتتېردا «ئىرقچىلىق تېرمىنولوگىيەسى» نىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1929308
ب د ت تىۋىتتېردا «ئىرقچىلىق تېرمىنولوگىيەسى» نىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ماسك تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن تىۋىتتېردا «ئىرقچىلىق تېرمىنولوگىيەسى» نى ئىشلىتىشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇ مۇنبەردە قارا تەنلىكلەرگە قارشى قوللىنىلغان ئۆچمەنلىك ئىپادىلىرى ئالدىدا «تېخىمۇ چوڭقۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، ماسك سېتىۋالغاندىن كېيىن، تىۋىتتېردا قارا تەنلىكلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «ئىرقچىلىق تېرمىنولوگىيەسى» نى ئىشلىتىشنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىپ كېتىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر