ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 11 - قېتىملىق باشلىق سايلىمى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىق سايلاش تىرىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
1928894
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر، پارتىيە ئىچىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن باشلىقىنى سايلىيالمىدى؛ 11-قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا، 200 بېلەتكە ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى كېۋىن ماككارتى، يېتەرلىك قوللاشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.