سەرگەردان كونگولۇقلار رىۋاندادىن پاناھلىق تىلىدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار ئاھالىنىڭ ئارامىنى بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1928366
سەرگەردان كونگولۇقلار رىۋاندادىن پاناھلىق تىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 2022 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن بۇيان 2061 ئادەم قوشنا دۆلەت رىۋاندادىن پاناھلىق تىلىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە قوزغىلاڭچى 23-مارت ھەرىكىتى (M23) بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار پۇقرالارغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشايدىغان 2061 كىشى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن قېچىپ رىۋاندادىن پاناھلىق تىلىگەن.

رىۋاندانىڭ نىيابىخۇ رايونىغا پاناھلانغان پۇقرالار، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك بۇيۇملىرىغا موھتاج ئىكەن.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان M23 نىڭ 2021-يىلى نويابىردا قايتىدىن باشلانغان ھۇجۇملىرى، رايوندا ياشايدىغان مىڭلارچە پۇقرانىڭ سەرگەردانلارغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە رىۋاندا بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسيانچىلارنىڭ 2022-يىلى 28-نويابىر كېنىيە پايتەختى نايروبىدا باشلانغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى 6-دېكابىردا سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنغاندىن كېيىن توختىلىپ قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر