خىتايدىن كېلىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا كېلىشتى

خىتايدا كوۋىد-19 يۇقۇمى يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان شېنگېن دۆلەتلىرى ئۆزئارا ماس قەدەملىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېلىشىمى تۈزدى.

1928273
خىتايدىن كېلىدىغان يولۇچىلارغا قارىتا ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ۋە شېنگېنغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كرىزىسنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىتايدىكى يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا قارىتا قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.

يىغىن ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى قىلىۋاتقان شىۋىتسىيە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا بارىدىغان ۋە خىتايدىن كېلىدىغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ تىببىي ماسكا تاقىشىنى تەۋسىيە  قىلىش قارارى ماقۇللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئېلىنغان قارارلاردا، خىتايدىن كېلىدىغان يولۇچىلارنىڭ بىۋاستە كوۋىد-19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلمىدى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىن كەلمەكچى بولغان يولۇچىلاردىن ئۇچۇشتىن 48 سائەت بۇرۇن كوۋىد-19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىگە دائىر ھۆججەت كۆرسىتىشنى «كۈچلۈك تەشۋىق قىلىدىغانلى» بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا  ئەزا دۆلەتلەر يەنە، خىتايدىن كېلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ يۇندى سۈلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يولۇچىلاردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەقىپ قىلىش ئۈچۈن گېن تەرتىپىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ بىردەكلىك ھاەسىل قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينىڭ  ۋەزىيىتىگنى قايتىدىن مۇزاكرىلىشىدىغان بولدى.

خىتاي ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا كوۋىد -19 تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتايدا ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان يۇقۇم ۋە كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر