شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر خىرىستىيانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا زىيان سالدى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر توپ يەھۇدىي كۆچمەنلەر خىرىستىيان قەبرىستانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەبرىلەرگە زىيان سالدى.

1928058
شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي كۆچمەنلەر خىرىستىيانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا زىيان سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن 1 - يانۋار يەكشەنبە كۈنى يەھۇدىي كۆچمەنلەر شەرقىي قۇددۇستىكى سىئون ئېگىزلىكى پروتېستانت قەبرىستانلىقىغا مەخپىي كىرىپ، 30 دىن ئارتۇق خىرىستىيان قەبرىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

يەھۇدىي  كۆچمەنلەر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەبرىلەردىكى مەرمەر كرېست بەلگىلىرىنى چىقىپ تاشىدى.

قۇددۇسنىڭ ئانگېلاس باش ئېپىسكوپى ھۈسام نائۇم قەبرىستانلىقتا مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ئېپىسكوپ يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ قەبرىستانلىققا بۇنداق ھۇجۇملارنى ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئېلان قىلغان باياناتتا، ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.

سىئون ئېگىزلىكى قەبرىستانلىقى 1848 - يىلى ئوسمانلى دەۋرىدە پروتېستانت خىرىستىيانلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر