ئىككى پىرېزىدېنت ئامازون ئورمانلىقىنىڭ كەلگۈسىنى مۇزىكىرىلەشتى

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا ئامازون ئورمانلىقىنىڭ كەلگۈسىنى مۇزىكىرىلەشتى.

1927077
ئىككى پىرېزىدېنت ئامازون ئورمانلىقىنىڭ كەلگۈسىنى مۇزىكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى سىلۋانىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى پېترو پايتەخت بىرازىلىيەدە يېڭى پىرېزىدېنت بىلەن كۆرۈشتى ۋە مەنسەپدىشى بىلەن «ئامازون ۋە پاكىز ئېنېرگىيە» مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئامازوندىكى ئورمان كېسىشكە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

پېترو بىرازىلىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى سىلۋا بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلەپ، «ئامازون ئورمىنىنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش يولىدا  چوڭ بىر كېلىشىم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

پېترو ئۆزىنىڭ ۋە سىلۋانىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە بايلىقىدىن تېخىمۇ ئىجابىي پايدىلىنىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىرازىلىيەنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كولۇمبىيەنىڭ تىنچلىقىنىڭ كاپالەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سىلۋانىڭ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامازون باشلىقلار يىغىنىنى چاقىرىدىغانلىقى، ئامازوندا ئالدىنقى رادىكال ئوڭچى پىرېزىدېنت جاير بولسونارونىڭ دەۋرىدە ئورمان كېسىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ھەمبەھىرلەندى.

بىرازىلىيەدە، 31 - ئۆكتەبىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا غەلىبە قىلغان سول قانات سابىق پىرېزىدېنت سىلۋا 1 - يانۋاردا پارلامېنتتا  قەسەم بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر