نىگېرىيەدە 63 پۇقرا تۇتقۇن قىلىندى
نىگېرىيەنىڭ نىگېر ئۆلكىسىدە 63 پۇقرا نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى.
1927361
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەمەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار نىگېر ئۆلكىسىنىڭ 3 يېزىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، دۇرمىن يېزىسىدىن 41، جارمىيە يېزىسىدىن 14 ۋە پاندوگارى يېزىسىدىن 8 بولۇپ، جەمئىي 63 پۇقرانى تۇتقۇن قىلغان.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يېزىلار ئارمىيە قارارگاھىدىن تەخمىنەن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى تۈپەيلى، نىگېرىيەدە پۇقرالار پات - پات ھۇجۇمغا ئۇچرايدىكەن.