مالايشىيا تەخمىنەن 1 مىليون چەت ئەللىك ئىشچىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېلان قىلدى

مالايشىيا كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن پەيدا بولغان ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 1 مىليون چەت ئەللىك ئىشچىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

1927172
مالايشىيا تەخمىنەن 1 مىليون چەت ئەللىك ئىشچىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <Malaymail> (مالايمائېل) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى جەمئىيەتى (Papa) مالايشىيادىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان.

جەمئىيەت رەئىسى داتۇك فو يوڭخوي مالايشىيانىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەمگەك كۈچى ئېھتىياجىنىڭ ھالقىلىق سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ تەخمىنەن 1 مىليون چەت ئەللىك ئىشچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

داتۇك فو ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق ساھەلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا قۇرۇلۇش، دېھقانچىلىق، ئىشلەچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2020 - يىلى تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ بولغان چەت ئەللىك تىزىمغا ئېلىنغان ئىشچىلار سانىنىڭ كوۋىد -19 سەۋەبىدىن تەخمىنەن 900 مىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

داتۇك فو قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ تەخمىنەن 300 مىڭ ئىشچىغا، دېھقانچىلىق ساھەسىنىڭ 230 مىڭ ئىشچىغا، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ 100 مىڭدىن 200 مىڭغا يېقىن ئىشچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

داتۇك فو مالايسشىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سېرى سەيفۇددىن ناسۇشىن ئىسمائىل ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلار بىلەن چەت ئەللىك ئىشچىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەللىك ئىشچىلارغا ۋىزا قولايلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 9 - دېكابىردىكى باياناتىدا، 1 مىليون 400 مىڭ چەت ئەللىك ئىشچىنىڭ مالايشىيادا ۋاقىتلىق ئىشچى ۋىزىسى بىلەن تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر