مېكسىكادىكى تۈرمىدە كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭ ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار سانى 19 غا يەتتى

مىكسىكادىكى بىر تۈرمىدە تۈنۈگۈن كۆتۈرۈلگەن ئىسيان ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەر سانى 19 غا يەتتى.

1926930
مېكسىكادىكى تۈرمىدە كۆتۈرۈلگەن توپىلاڭ ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار سانى 19 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرى، چىخۇاخۇا ئۆلكىسىىدىكى جۇارېز تۈرمىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق دۆلەتلىك قايتىدىن ئىجتىمائىي تەرتىپكە سېلىش مەركىزىدە چىققان توپىلاڭدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىخۇاخۇا ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە 10 قاراۋۇل بىلەن  توققۇز مەھبۇسنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 27 مەھبۇسنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مېكسىكا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن قېچىشقا ئۇرۇنغان مەھبۇسلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئۈچ نەپىرى قوغدىغۇچى بولۇپ جەمئىي 13 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر