بۇركىنا فاسودا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

بۇركىنا فاسونىڭ غەربىي شىمالىدىكى كوسسى ئۆلكىسىدە يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 28 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1927348
بۇركىنا فاسودا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت باياناتچىسى جېئان ئېممانۇئېل ئوئېدراگونىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورچىلار،  كوسسى ئۆلكىسىنىڭ نوئۇنا شەھىرىنىڭ 4-ۋە 6-رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن  8 پۇقرانىڭ جەسىتى تېپىلغان، ھەمدە جاۋابكارلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر