مېكسىكادا تۈرمىدە توپىلاڭ چىقىپ 14 كىشى قازا قىلدى

مېكسىكادا بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن توپىلاڭ ۋە توقۇنۇشتا 10 نەپەر قاراۋۇلنى قوشقاندا، جەمئىي 14 كىشى قازا قىلدى.

1926360
مېكسىكادا تۈرمىدە توپىلاڭ چىقىپ 14 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، چىخۇاخۇا ئۆلكىسگە قاراشلىق جۇئارېز تۈرمىسىنىڭ 3 - نومۇرلۇق دۆلەتلىك قايتا ئىجتىمائىي تەشكىللەش مەركىزىدە توپىلاڭ چىققان.

جۇئارېز شەھەر باشلىقى كرۇز پېرېز كۇئېللار مەتبۇئاتقا بەرگەن باياناتىدا، توپىلاڭدا قاراۋۇل ۋە مەھبۇسلار بولۇپ، جەمئىي 14 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن 10 نەپەرىنىڭ تۈرمە  قاراۋۇلى ئىكەنلىكى ۋە توپىلاڭنىڭ مەھبۇسلارنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

چىخۇاخۇا تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە چېتىشلىق 5 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر