ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىمۇ پارتىلاش ئاۋازلىرى ياڭرىدى

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا 1 كىشى قازا قىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. ھۇجۇمدا بىر مېھمانخانا زىيانغا ئۇچرىدى. يېرىم كېچىدىن كېيىن شەھەردە پارتلاشلار يۈز بەردى.

1926185
ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىمۇ پارتىلاش ئاۋازلىرى ياڭرىدى
ukrayna esir.jpg
kiev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو: «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىمىز ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنانىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ داۋاملاشماقتا. ھىمېلنىتسكىي شەھىرىدىكى ھۇجۇمدا 4 كىشى يارىلاندى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ دونباس رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ئورۇنلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، بەزى رايونلاردا ئاستا - ئاستا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، 2023 - يىلى ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي يېڭى يىللىق ئۇچۇرىدا، « غەلبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ 9 مىنۇتلۇق يېڭى يىللىق ئۇچۇرىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ روسىيەنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇكرائىنانى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ئەھۋالغا قارىتا «كۈلكىلىك» دەپ باھا بەردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بولسا، يېڭى يىللىق سۆزىدە، رۇسىيە ئارمىيەسىگە خىتاب قىلىپ، «غەلبىمىز يېڭى يىل كەلگەنگە ئوخشاشلا مۇقەررەردۇر» دېدى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشمۇ داۋاملاشماقتا. ئەسىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە، 82 رۇسىيەلىك ۋە 140  نەپەر ئۇكرائىنا ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر