سابىق رىم پاپاسى 16 – بېنېدىكتۇس ۋاپات بولدى

كاتولىكلارنىڭ سابىق مەنىۋى داھىيسى رىم پاپاسى 16 – بېنېدىكتۇس  95 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1926056
سابىق رىم پاپاسى 16 – بېنېدىكتۇس ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پاپا 16 – بېنېدىكتۇسنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە كېسەل بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم ئىدى.

ۋاتىكان ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى.

سابىق رىم پاپاسى 16 – بېنېدىكتۇسنىڭ ھەقىقىي ئىسمى جوسېف راتزىنگېر بولۇپ ، 2005-يىلى پاپا بولۇپ سايلانغانىدى. ئۇ، كاتولىك چېركاۋىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك جىنايىتى مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.

بېنېدىكتۇسنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقى ۋە يېقىندىن بۇيان دوختۇرنىڭ نازارىتىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

پاپا 16 – بېنېدىكتۇسنىڭ مېيىتىنىڭ 2023-يىلى 2 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئەزىز پېترۇس باسىلىكاسىدا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر