ئىسىرائىلىيەدە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

ئىسىرائىلىيەدە بىنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارلامېنتتا ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى.

1925609
ئىسىرائىلىيەدە نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىسرائىلىيە پارلامېنتى لىكۇد پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى نېتانياھۇ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئىسرائىلىيەنىڭ 37-ھۆكۈمىتىگە بېلەت تاشلىدى.

بېلەت تاشلاشتا، نېتانياھۇنىڭ 120 كىشىلىك پارلامېنتقا سۇنغان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى 63 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى. 54 پارلامېنت ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيەدە ئەڭ ئۇزۇن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن نىتانىياھۇ سىياسىي ھاياتىدا 6-قېتىم باش مىنىستىرلىق ئورنىدا ئولتۇرغان بولدى.

پارلامېنتتا لىكۇد پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئامىر ئوخانا پارلامېنت رەئىسلىكىگە سايلاندى. ئۇ ئىسىرائىلىيە دۆلىتى پارلامېنتىنىڭ تۇنجى ھەمجىنىس باشلىقى بولۇپ قالدى. نېتانياھۇنىڭ كابىنېتى پۈتۈنلەي ئوڭ قانات پارتىيەلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 30 مىنىستىردىن تەشكىللەندى، ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى ئايال بولدى.

يېقىنقى يىللاردا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت كىرىزىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەدە 11-ئاينىڭ 1-كۈنى (2022) ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدا، سابىق باش مىنىستىر ۋە ئۆكتىچى رەھبەر نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئوڭچى پارتىيەلەر 120 كىشىلىك پارلامېنتنىڭ 64 ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈپ غەلبىگە ئېرىشتى.

نىتانىياھۇ باشچىلىقىدىكى يېڭى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىسرائىلىيە سىياسىي تارىخىدىكى «ئەڭ ئوڭ قانات ھۆكۈمەت» دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر