بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» نى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان سىياسەتلەرگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1925857
بايدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: .ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەستىقلىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىراندىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئالدىدىكى نۇرغۇن خىرىسلار ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قانچە ئون يىلدىن بۇيانقى قەدىناس دوستۇم باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ھەمكارلىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېخىمۇ بىر گەۋدىلەشكەن، گۈللەنگەن ۋە بىخەتەر ئوتتۇرا شەرق رايونى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن، بۇ تەسەۋۋۇرنى قوللاش ئۈچۈن، پەلەستىن ۋە باشقا رايونلۇق ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنى بېنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىمىزدەك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى <ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى> نى داۋاملىق قوللايدۇ، بۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ياكى ئۆزئارا مەنپەئەتلىرىمىز ھەم قىممەت ئۆلچەملىرىمىزگە زىت سىياسەتلەرگە داۋاملىق قارشى تۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر