كرېمىل كوسوۋۇ-سېربىيە زىددىيىتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ كوسوۋۇ-سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ««بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىر» كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «تاشلانغان قەدەملەردە بېلگرادنى قوللايمىز» دېدى.

1924853
كرېمىل كوسوۋۇ-سېربىيە زىددىيىتى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ موسكۋادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، سېربىيە بىلەن كوسوۋۇ ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن زىددىيەتلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ رايوندىن كەلگەن رۇسىيەگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «سېربىيە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت. بۇ يەردە رۇسىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىرىنى ئىزدەش خاتا. سېربىيە ئەلۋەتتە قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ياشاۋاتقان سېربلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىماقتا، شۇڭا بۇ ھەق-ھوقۇقلار دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغاندا قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، رۇسىيەنىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سېربلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. تاشلانغان قەدەملەردە بېلگرادنى قوللايمىز» دېدى.

سابىق سېرب ساقچى خادىمى دېژان پانتىجنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن، كوسوۋۇ-سېربىيە مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ئىدى.

كوسوۋۇدىكى سېربلار پانتىجنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 10-دېكابىر (2022) تارتىپ ژارىنژې ۋە بېرنژاك چېگرا ئېغىزلىرىدا توسۇق قۇرۇپ نۆۋەتتە تۇرماقتا.

سېربىيە 2008-يىلى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان كوسوۋانى ئۆز زېمىنى دەپ قارايدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر