ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتا

خىتاي – تەيۋەن مۇناسىۋەت لىنىيەسى بۇ قېتىم تەيۋەننىڭ خىتاي تەھدىتىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇداپىئە ئىسلاھاتى قەدىمى تاشلىشى تۈپەيلى يىرىكلەشتى.

1924303
ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇداپىئە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، مەجبۇرىي ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى تۆت ئايدىن بىر يىلغا چىقاردى.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 2024-يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇ قارارنىڭ نىشانى ئارالنىڭ خىتايغا قارشى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئىكەن.

بېيجىڭ ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان تەيۋەن، 1949-يىلدىن باشلاپ ئەمەلىي مۇستەقىللىقتىن بەھرىمان بولۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈش داۋاملاشماقتا.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرى جەنۇبىي دېڭىزدا باشلىغان «بىرلەشمە دېڭىز —2022» مانېۋىرى ئاخىرلاشتى.

ياپونىيە نارازىلىق بىلدۈرگەن مانېۋىرنىڭ مەقسىتىگە، «ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش» دەپ ئىزاھات بېرىلگەنىدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەنگە يېقىن يوناگۇنى ئارىلىغا قۇرۇقلۇق ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتتى. تېخى يېقىندىلا 71 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى قىلدى.

بۇ ھەرىكەتلىنىش تىنچ ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئامېرىكانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا؛ ۋاشىنگىتون خىتاينىڭ رايوندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر