خىتاي يېڭى يىلدا كارانتىننى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى

خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي كارانتىندا تۇرۇش شەرتىنىڭ 8-يانۋاردىن (2023) تارتىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1924070
خىتاي يېڭى يىلدا كارانتىننى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي كارانتىندا تۇرۇش شەرتىنىڭ 8-يانۋاردىن تارتىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ «نۆل ۋەقە» سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار يېڭىلىق ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىغا (Kovid-19) مۇناسىۋەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردە پارتلاش بولغانلىقىنى، سەھىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

2020-يىلى مارتتىن باشلاپ خىتايغا بارغان كىشىلەر مەجبۇرىي كارانتىندا تۇراتتى. دەسلەپتە ئۈچ ھەپتە بولغان كارانتىن ۋاقتى بۈگۈن بەش كۈنگە چۈشۈرۈلدى.

يېڭى بەلگىلىمىلەر بويىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى «A» دەرىجىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن «B» دەرىجىگە چۈشۈرۈلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق كارانتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر