جەنۇبىي كورېيەدە جامە قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى

جەنۇبىي كورېيەدە بىر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى دائېگۇ شەھىرىدە قۇرۇلۇشى ئورنىغا كىرىشى توسۇلغان ۋە جايلاشقان كوچىغا چوشقا كاللىلىرى قويۇپ قويۇلغان جامە قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇلدى.

1924370
جەنۇبىي كورېيەدە جامە قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ سوت قارارىنى ئىجرا قىلىشنى خالىماسلىقىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغان بىر كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى، ب د ت نىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتچىسىدىن جامە قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىشنى ۋە چوشقا كاللىلىرىنىڭ ئېلىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرىنىڭ جامە جايلاشقان كوچىغا قويۇلغان چوشقا كاللىلىرىنى ئېلىۋېتىش تەلىپىگە دىققەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ب د ت غا ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ب د ت مەسئۇلىغا ئەۋەتىلگەن ئىلتىماستا، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنى «مەلۇم دىن ياكى ئىرقنى ئاساس قىلغان ھەر قانداق كەمسىتىشنى ئاشكارا ئەيىبلەشكە، دائېگۇدىكى بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى دىنىي بىتەرەپلىك ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيەلەشكە، بارلىق زىيانلارنى تۆلەشكە چاقىرىق قىلىش» تەلەپ قىلىندى.

ئىلتىماستا، جامە سېلىشقا قارشى چىققۇچىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىغا كىرىشنى توسقانلىقى ۋە جامە قۇرۇلۇشىغا يېقىن جايلارغا چوشقا كاللىلىرىنى قويۇپ قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرتىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر «مەخسۇس سېتىۋېلىنغان ۋە <پايدىلىق مەھسۇلاتلار> بولغان چوشقا كاللىلىرىنى، ئاھالىلەر قوشۇلماستىن ئېلىۋېتىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقى» نى ئېيتقان.

دائېگۇ شەھىرىدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان جامەنىڭ سېلىنىشىغا 2020-يىلى رۇخسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ جاي ئىلگىرى مەسچىد قىلىپ ئىشلىتىلگەن.

جامە قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا سوتنىڭ قارارى بولسىمۇ، رايون خەلقى قۇرۇلۇشقا توسقۇنلۇق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر