نېپالدا بىر ماۋچى باش مىنىستىر بولدى

نېپالدا 20 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن، ماۋچىلار مەركىزىي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (CPN-MC) نىڭ رەھبىرى پۇشپا كامال داخال باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى.

1923879
نېپالدا بىر ماۋچى باش مىنىستىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسىيونلىرى ۋە دىپلوماتلىرى داخالنىڭ پايتەخت كاتماندودىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

داخال ھۆكۈمەت كابىنېتىدا ئورۇن ئالىدىغان ئۈچ مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە تۆت مىنىستىرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، كابىنېتقا تەيىنلىنىدىغان يېڭى مىنىستىرلارنىڭ بېكىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

لەقىمى «پراچاندا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان داخال ئىلگىرى 2009-2008 ۋە 2017-2016-يىللىرى ئارىسىدا ئىككى قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، تۈنۈگۈن (25-دېكابىر) پىرېزىدېنت باندارى تەرىپىدىن قايتىدىن باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەندى.

ماۋچىلارنىڭ رەھبىرى داخال 275 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسىدا نېپال بىرلەشمە ماركىسىزم، لېنىنىزم كومپارتىيەسىدىن سەككىز، ئۆز پارتىيەىسى بولغان ماۋچىلار مەركىزىي كوممۇنىستىك پارتىيەسى CPN-MC دىن 32، راسترىيا سۋاتانترا پارتىيەسىدىن 20، راسترىيا پاراجاتانتىرا پاتىيەسىدىن 14، جانتا ساماجبادى پارتىيەسىدىن 12، جانامات پارتىيەسىدىن ئالتە، ناگاراك ئۇمنىكتى پارتىيەسىدىن تۆت ۋە مۇستەقىل ۋەكىللەردىن ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، جەمئىي 169 ئەزانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر