مالايشىيادىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى

مالايشىيادا بىر لاگېر رايونىدا 16 – دېكابىر يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى.

1923325
مالايشىيادىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالاقىدار مەسئۇللار پايتەخت كۇئالالۇمپۇرنىڭ شىمالىدىكى سېلانگور ئۆلكىسىگە قۇرۇلغان باتانگ كالى لاگېر رايونىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچى مەسئۇللىرى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىنىڭ يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يوقلۇقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ماقۇللانغانلىقىنى ئېيتتى.

تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يوقاپ كەتكەن 92 كىشىدىن 31 نەپىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 61 كىشىنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر