بۇ يىل ئىسرائىلىيەگە 95 دۆلەتتىن 70 مىڭ يەھۇدىي كۆچۈپ كەلدى

بۇ يىل (2022) ئىسرائىلىيەگە 95 دۆلەتتىن 70 مىڭ يەھۇدىي كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ يېقىنقى 23 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1923335
بۇ يىل ئىسرائىلىيەگە 95 دۆلەتتىن 70 مىڭ يەھۇدىي كۆچۈپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەھۇدىي دىئاسپوراسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يەھۇدىي ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدا، 2022 - يىلى ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىيلار سانىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن تەخمىنەن 2.5 ھەسسە يۇقىرى بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەگە 95 دۆلەتتىن يەھۇدىيلارنىڭ كۆچۈۋاتقانلىقى، رۇسىيەدىن 37 مىڭ 363 كىشى بىلەن ئەڭ كۆپ كۆچۈش ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەگە ئەڭ كۆپ يەھۇدىيلار كۆچكەن ئىككىنچى دۆلەتنىڭ 14 مىڭ 680 كىشى بىلەن ئۇكرائىنا بولغانلىقى، بۇلاردىن قالسىلا، رەت بويىچە ئامېرىكا، فىرانسىيە، بېلارۇسىيە، ئېفىيوپىيە، ئارگېنتىنا، ئەنگلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە بىرازىلىيەنىڭ ئەڭ كۆپ يەھۇدىيلار ئىسرائىلىيەگە كۆچكەن دۆلەتلەر ئىكەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ %27 نىڭ 35-18 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، 0 ياشتىن17 ياشقىچە بولغانلارنىڭ %24 ئىكەنلىكى، 50-36 ياش ئارىسىكىلەرنىڭ %22، 64-51 ياش ئارىسىدىكەلەرنىڭ %14 ۋە 65 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ بولسا، %13 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتالمىش ​​«قايتىش» قانۇنىغا ئاساسەن، ئىسرائىلىيەگە كۆچۈش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان يەھۇدىيلار «دىئاسپورا يەھۇدىيلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە كۆچۈشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئالىيە» بەلگىلىسى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشەلەيدۇ.

24-فېۋرالدا ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ئۇكرائىنا يەھۇدىيلىرىنى ئىسرائىلىيەگە كۆچۈشكە قىزىقتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئالىيە ۋە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرلىقى» بىلەن يەھۇدىيلار ئاگېنتلىقى، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا يەھۇدىيلىرىنىڭ بالدۇرراق ئۇكرائىنادىن كۆچۈشى ئۈچۈن «ئالىيە» ھەرىكىتىنى تېزلەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر