دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى دوكتور تېدروس ئادھانوم گېبرېيۇس خىتايدىكى كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيانقى كۆپىيىش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1922523
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى گېبرېيۇس تەشكىلاتنىڭ شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خىتايدا يۇقۇمنىڭ قايتىدىن كۆپىيىشكە يۈزلەنگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ ئېغىر كېسەلنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇخىتاي ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى  ئەھۋالنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىشقا، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشقا ۋە يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى خىتايدا يۇقۇم سەۋەبىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

خىتاي ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە قارار چىقىرىپ، يۇقۇم سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنىدى.

يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، كارانتىن قىلىش ۋە تاقاش تەدبىرلىرىنىمۇ توختاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر