ئالبانىيەدە «2 ت ب -بايراكتار» ئۇچقۇسىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

ئالبانىيە تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بىر مەھسۇلاتى سۈپىتىدە «2 ت ب -بايراكتار» قوراللىق ئۇچقۇسىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.

1921697
ئالبانىيەدە «2 ت ب -بايراكتار» ئۇچقۇسىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى
arnavutluk tb2 siha anlasma.jpg
bayraktar tb2 siha.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، پايتەخت تىرانادا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا، باش مىنىستىر ئېدى راما، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نىكو پېلېشى، تۈركىيەنىڭ تىرانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاييار قاغان، بايكار شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خالۇق بايراكتار قاتناشقان.

باش مىنىستىر راما مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشىگە قىلغان ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈن ئۆتكەنسېرى تېخىمۇ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياۋروپا-ئاتلانتىك جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي ئىتتىپاقى بولغان ناتودا توغرا يەردە ۋە توغرا سەپتە تۇرغانىلقىمىزدىن ئۆزىمىزنى شەرەپلىك ھېس قىلىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا نۇرغۇن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. بۈگۈن مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن گۈزەل بىر كۈن بولدى» دېدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ پەقەت قوراللىق ئۇچقۇلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىمزالانمىغانلىقىنى، بەلكى ئالبانىيە ئارمىيەسى بىلەن بايكار شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بەرپا قىلىشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بايكار ئالبانىيەدە سېلىنغان ناتونىڭ يېڭى كۇچوۋا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەگە ئىگە كونترول مەركىزىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كىشىلەرنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغىمۇ ياردەملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ ئالبانىيەگە كەلتۈرۈلىدىغان ئۈچ قوراللىق ئۇچقۇنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئەھۋالغا قارشى تەييار ھالەتتە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بايكار شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خالۇق بايراكتار بۇ تېخنولوگىيەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا، ئالبانىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر