پېرۇ ھۆكۈمىتى مېكسىكانىڭ باش ئەلچىسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى

پېرۇ ھۆكۈمىتى سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پاناھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مېكسىكانىڭ لىمادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پابلو مونروينى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى.

1921640
پېرۇ ھۆكۈمىتى مېكسىكانىڭ باش ئەلچىسىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسېلو ئېبرارد لىمادىكى باش ئەلچىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلغان پېرۇ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.  

ئېبرارد تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قارارنى تەنقىد قىلىپ: «پېرۇ ھۆكۈمىتىنىڭ لىمادىكى باش ئەلچى پابلو مونرويغا دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 72 سائەت مۆھلەت بەرگەنلىكى ماڭا بىلدۈرۈلدى. بۇ قارار ئاساسسىز ۋە ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك، دەپ قارايمەن. باش ئەلچىمىزنىڭ پوزىتسىيەسى قانۇنغا ۋەبىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا تولۇق ماس كېلىدۇ. مېكسىكانىڭ پوزىتسىيەسى ئۆزگەرمەيدۇ» دېدى.

ئېبرارد ئەلچىخانىنىڭ بىرىنچى كاتىپى كارلا تاتيانا ئورنېلاس لوئېرانىڭ پېرۇدىكى باش ئەلچىلىك پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەلچىخانا پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پېرۇ ھۆكۈمىتى سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە پاناھلىق بەرگەنلىكى ئۈچۈن مېكسىكانىڭ لىمادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پابلو مونروينى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشىگە 72 سائەتلىك مۆھلەت بەرگەن ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت پېدرو كاستىللونىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى مېكسىكانىڭ لىمادىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر