شىمالىي كورېيە ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە ئىستىراتېگىيەسىگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1921104
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياپونىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇ رايونغا ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنداقلا، ياپونىيەنىڭ يېڭى بىخەتەرلىك سىياسىتى ئارقىلىق شەرقىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك شارائىتىنىڭ تۈپتىن ئۆزگەرگەنلىكى، ياپونىيەنىڭ خاتا ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك يولنى تاللىغانلىقى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ئىستراتېگىيەگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ياپونىيە، 16 – دېكابىر كۈنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يولغا قويغان بىخەتەرلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، دۈشمەن بازىسىغا زەربە بېرەلەيدىغان ئىستراتېگىيەگە ئۆتكەنىدى.

خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ھەم باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق تەھدىتلەر ئالدىدا، ياپونىيە مۇداپىئە سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەنىدى.

يېڭىلانغان مۇداپىئە سىياسىتىگە ئاساسەن، خىتاي ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك رەقىب، شىمالىي كورېيە بولسا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ يېقىن تەھدىت دەپ قارالغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە، بۇ ئىستراتېگىيەگە ئاساسەن، جىددىي ئەھۋاللاردا، ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە باشقا بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر