گوللاندىيە باش مىنىستىرى دۆلىتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخىدىن كەچۈرۈم سورىدى

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دۆلىتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخى ۋە قۇل سودىسىدىكى رولى ئۈچۈن رەسمىي يوسۇندا كەچۈرۈم سورىدى.

1921243
گوللاندىيە باش مىنىستىرى دۆلىتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخىدىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر مارك رۇتتې گوللاندىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخى ۋە قۇل سودىسىدىكى رولى ئۈچۈن ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كەچۈرۈم سورىدى.

مارك رۇتتې، «ئەسىرلەر بويى نۇرغۇن كىشىلەر گوللاندىيە دۆلىتى نامىدىن تاۋارلاشتۇرۇلدى، ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىندى ۋە خورلاندى. گوللاندىيە دۆلىتى تەرىپىدىن ئەسىرلەر بويىچە ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئاياق- ئاستى قىلىندى» دېدى.

مارك رۇتتې قۇللۇقنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مىليونلىغان كىشىلەر بۇ جىنايەتنىڭ ئازابىغا  دۇچار بولدى ۋە ھازىرمۇ ئازابىنى چېكىۋاتىدۇ، گوللاندىيە چوقۇم ئۆزىنىڭ يەلكىسىگە چۈشكەن قىسمىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دېدى.

رۇتتې ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ قۇللۇق تۈزۈمى تارىخىنى ئېتىراپ قىلىشتا يېتەرسىز قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن كەچۈرۈم سورايمەن» دېدى.

باش مىنىستىر رۇتتې قۇللۇق تارىخىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنىڭ 150 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، گوللاندىيەدە 2023 - يىلىنى «قۇللۇقنى خاتىرىلەش يىلى» دەپ ئېلان قىلىش ئويلىشىلماقتا.

جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقانىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا مۇستەملىكە ھاكىمىيەت قۇرغان گوللاندىيە، 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا «ئاتلانتىك ئوكيان» رايونىدا قۇل سودىسىنى باشلىغان ۋە ياۋروپا 17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «ئالتۇن دەۋر» ىگە قەدەم قويغان مەزگىللەردە جەنۇبىي ئامېرىكا – ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى قۇل سودىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، 1863 - يىلى قۇل سودىسىنى رەسمىي چەكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر