ب د ت: لىۋاندىكى سۈرىيەلىكلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋاندىكى 90% سۈرىيەلىك مۇساپىرنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1920130
ب د ت: لىۋاندىكى سۈرىيەلىكلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى، ب د ت دۇنيا يېمەك - ئىچمەك  پىروگراممىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا، لىۋاندىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى داۋاملىق قوللاش ۋە قوغداش تەلەپ قىلىندى، ھەمدە لىۋاندىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يىل بويى  ناچار ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى داۋاملىق يامانلاشماقتا. نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ھەتتا ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرمۇ يەتمەيۋاتىدۇ.»

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لىۋاندا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى 1 مىليون 500 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر