ئامېرىكا رېكورت سەۋىيەدىكى مۇداپىئە خامچوتىنى تەستىقلاش ئالدىدا

ئامېرىكانىڭ 858 مىليارد دوللارلىق رېكورت سەۋىيەدىكى دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى تەستىقلاش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى يېقىنلاشتى.

1919647
ئامېرىكا رېكورت سەۋىيەدىكى مۇداپىئە خامچوتىنى تەستىقلاش ئالدىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا تەستىقلانغان لايىھە پىلانى 80 پالاتا ئەزاسىنىڭ رەت قىلىشىغا قارشى 350 پالاتا ئەزاسىنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى لايىھەسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىمۇ 11 گە قارشى 83 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى.

تۈركىيەنىڭ قەتئىي مەيدانى ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە لايىھەنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىدا، تۈركىيەگە «F-16» ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىشنى بەزى شەرتلەرگە باغلىغان ماددىلار چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر