مالايشىيادا يەر كۆچۈش سەۋەبىدىن 16 ئادەم قازا قىلدى

مالايشىيادىكى بىر لاگېر ساھەسىدە يەر كۆچۈش سەۋەبىدىن 16 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1919771
مالايشىيادا يەر كۆچۈش سەۋەبىدىن 16 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  پايتەخت كۇئالالۇمپۇرنىڭ شىمالىدىكى سېلانگور ئۆلكىسىگە جايلاشقان باتاڭ كالى رايونىدىكى بىر لاگېر ساھەسىدە يەر كۆچۈش يۈز بەرگەن.

لاگېر  ساھەسىدە تەخمىنەن 94 مالايشىيالىق بولۇپ، يەر كۆچۈش ۋەقەسىدە 16 ئادەم قازا قىلغان، 17 ئادەم يوقاپ كەتكەن.

ساقچى باشلىقى سۇفيان ئابدۇللاھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازا قىلغانلار ئىچىدە 5 ياشلىق بىر بالىمۇ بار بولۇپ، يارىلانغان 7 كىشى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ۋەقەدىن كېيىن، رايونغا تۇتىشىدىغان يوللار تاقالغان بولۇپ، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر