پايتەخت كىيېۋدە رۇسىيەگە تەۋە 10 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو ئەتىگەندە (14-دېكابىر) شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا رۇسىيەگە تەۋە 10 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1918570
پايتەخت كىيېۋدە رۇسىيەگە تەۋە 10 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋنىڭ شەھەر باشلىقى كلىچكو تېلېگرامما ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «كىيېۋ رايونىدا ۋە پايتەختتە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن جەمئىي 10 دانە <شاھىد> ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى» دېدى.

ئۇ ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەختنىڭ شېۋچېنكىۋىسكىي رايونىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ يەر ۋاقتى 06:30 ئەتراپىدا پارتلاش ئاۋازلىرىنىڭ ئاڭلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر