كونگودىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 100 كىشى قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى كىنشاسادا شىددەتلىك ياغقان يامغۇردىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە كەم دېگەندە 100 كىشى قازا قىلدى.

1918620
كونگودىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 100 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىنشاسادا ئىككى كۈندىن بۇيان شىددەتلىك ياغقان يامغۇردىن كېيىن كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

ئاپەتتە ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندە 100 كىشى قازا قىلغان.

باش مىنىستىر ژان مىشېل ساما لۇكوندې ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن  ئەندىشە قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر