ئىراندا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى

ئىراننىڭ ئېلبورز، تېھران ۋە كازۋىن ئىشتاتلىرىدا ھاۋا بولغىنىش سەۋىيەنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە بارلىق ياش گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇشى سەۋەبىدىن مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى.

1917637
ئىراندا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىرنا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئېلبورز ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ پۇقرالار ئىشلىرى كوردىناتسىيە باشلىقى ۋەكىلى ئەھمەت ئەفزەلى مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبىدىن ئۇنىۋېرستېتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشتاتتىكى دۆلەت ۋە شەخسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورگانلىرىنىڭ بۈگۈن 12-13-دېكابىر كۈنلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇ 10-11-دېكابىر كۈنلىرى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ھاۋا سۈپىتىدە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن بارلىق مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ يەنە ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىشتاتتا ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىقلارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار بىلەن زىچ ئالاقىدە ئىكەنلىكلىرىنى، ھەر خىل قۇرۇلۇش، ھاۋا بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولۇش ئېھتىمالى بولغان سانائەت سېخلىرى ۋە فابرىكالاردا ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشى قىلىنمىغان خۇسۇسىي ياكى ھۆكۈمەت قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قاتنىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«پايتەخت تېھراندا كۈتۈلگەن شامالنىڭ چىقىشى سەۋەبىدىن ھاۋا بۇلغىنىش سەۋىيەسى ئېغىر بولدى. بۇ سەۋەبدىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارارى بىلەن ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن مەكتەپلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى بۈگۈن ۋە ئەتا بولۇپ ئىككى كۈن ئۇزارتىلدى» دېدى.

ئۇ يەنە، مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا كىشىلەرنى سىرتقا چىقماسلىق، ئوچۇق ھاۋادا تەنتەربىيە پائالقىيەتلىرى شۇغۇللانماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر